يېقىنقى مەزگىللەردە ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا، تۇرپاندا 80 ياشلىق سابىق ساقچى باشلىقى ھەبىبۇللا ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ ساقچى ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان پەرزەنتلىرىدىن بولۇپ ئائىلىسىدىن جەمئىي 7 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى. ئەمما بۇ ئۇچۇر دائىرىلەر تەرىپىدىن تېخى دەلىللەنمىگەن ئىدى. 23-ئاپرېل كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ بىر خادىمى، مەزكۇر ئائىلىدىكى تۇتقۇنلاردىن باھارگۈل ھەبىبۇللانىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ بۇ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
مەزكۇر ئائىلىنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئەزاسى مەلىكىزات ھەبىبۇللانىڭ گۇۋاھلىق باياناتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سابىق ساقچىخانا باشلىقى، 80 ياشلىق ھەبىبۇللا ئابدۇللا، تۇرپاننىڭ چاتقال يېزىلىق ساقچىخانىسىدا 30 يىلچە خىزمەت قىلغاندىن كېيىن 1997 -يىلى دەم ئېلىشقا چىققان. ئۇ 2017 -يىلى، 4 -ئايدا 75 ياشلىق ئايالى بۈمەريەم تۇرسۇن بىلەن بىرلىكتە نامەلۇم خاتالىقى سەۋەبلىك «تەربىيەلەش» مەركىزىگە ئەكېتىلگەن. ئارقىدىن ئۇلارنىڭ تۈرمە ۋە ساقچىخانىلاردا ئىشلەۋاتقان پەرزەنتلىرى ئالىم ھەبىبۇللا ۋە مېھراي ھەبىبۇللا؛ ئارقىدىن مەكتەپ ۋە شىركەتلەردە ئىشلەۋاتقان پەرزەنتلىرى ئايگۈل ھەبىبۇللا، مەمەت ھەبىبۇللا ۋە باھارگۈل ھەبىبۇللارمۇ تۇتۇپ كېتىلگەن.
ساقچى ساھەسىدە ئۇزۇن ۋە ئاكتىپ ئىشلىگەن، ھەتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىلگىرى كۆپ قېتىملاپ ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، دائىرىلەر بۇ ھەقتە مەلۇم بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن. 22-ئاپرېل كۈنى تۇرپانغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتى داۋامىدا، بۇ ساقچى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم مەلۇمات سۈرۈشتە قىلغان.
ساقچى ساھەسىدىكى كۆپىنچە خادىملار، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى تارتقان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرى مەزكۇر ساقچى ئائىلىسى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىزچىل گۇۋاھلىق بېرىپ كېلىۋاتقان مەلىكىزات ھەبىبۇللا خانىمنى زىيارەت قىلغان. مەلىكىزاتنىڭ، تۇتقۇندىكى ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە ئىگىلىگەن ئەڭ يېقىنقى ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى، ئانىسى ۋە چوڭ ھەدىسى لاگېردا بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما ئاكىسى-تۈرمە خادىمى ئالىم ھەبىبۇللا بىلەن ساقچى ھەدىسى مېھراي ھەبىبۇللا ۋە ئاكىسى مەمەت ھەبىبۇللا 3 يىللىقتىن كېسىلگەن؛ بىر ستراخىۋانىيە شىركىتىدە ئىشلەيدىغان كىچىك ھەدىسى باھارگۈل ھەبىبۇللا بەش يىللىق كېسىۋېتىلگەن. بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن باھارگۈل ھەبىبۇللا 4 ۋە 9 ياشلىق ئىككى بالىنىڭ ئانىسى ئىكەن.
ئېنىقلاش داۋامىدا، بىر يۇقىرى سوت خادىمى، باھارگۈل ھەبىبۇللانىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ تۇرپانغا باھارگۈل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگىنى كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
مەلىكىزات ھازىرغا قەدەر بۇ تۇتقۇندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى، يەنى قاماقخانا ياكى لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالماي كېلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر خادىم، باھارگۈل ھەبىبۇللا بىلەن ئېكراندا سۆزلەشكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تېخىچە قاماقخانا ياكى لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
مەزكۇر خادىمدىن باھارگۈل ھەبىبۇللا ئۈستىدىن سوتنىڭ قايتا قاچان ئېچىلىدىغانلىقى سورالغىنىدا، بۇنىڭ پەقەت «مۇزاكىرە قىلىنىش» ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېيتقان.
مانا بۇ جاۋاب، باھارگۈل ھەبىبۇللانىڭ تەقدىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلارچە تۇتقۇنلارنىڭ ئوخشاشلا سىياسىي قارار ۋە مۇزاكىرە بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە ئىكەن.
بۇ ئۇچۇرلاردىن يەنە، كۆپ ساندىكى مەھكۇملاردىن پەرقلىق ھالدا، باھارگۈل ھەبىبۇللانىڭ نارازىلىقىنىڭ دىققەت ئېتىبارغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم. ئەمما بۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئامىلنىڭ ئۇنىڭ ساقچى ئائىلە تاۋابىئاتى بولۇشتەك ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكى ۋە ياكى تۈركىيەدىكى سىڭلىسى مەلىكىزات ھەبىبۇللانىڭ گۇۋاھلىق باياناتلىرىنىڭ تۈرتكە بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى