پۈتۈن دۇنيا خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى تەھدىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭشەرقىي تۈركىستانداا قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى ئوخشاش داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ يېقىنقى كۈنلەرگىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ ئۇلار ئۈستىدىن جىددىي ھالدا ئېغىر ھۆكۈم ئېلان قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار كۆپەيمەكتە.
22-ئاپرېل ياپونىيەدىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بىلەن ئالاقىلەشكەن دىلنارە ئۆزىنىڭ غۇلجادىكى تۇغقانلىرىنىڭ 23 ياشلىق ئوغلى سۇبات ئابدۇۋەلىنىڭ يېقىندا قايتا تۇتقۇن قىلىنىپ ئۇدۇل غۇلجادىكى بوز تۈرمىسىگە قامالغىنىنى، ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ ئېغىر كېسىلىپ كېتىلىش مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دىلنارەنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا سۇبات ئابدۇۋەلى 1997-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى يېڭى يەر يېزىدا تۇغۇلغان، ئاتا-ئانىسى ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئانىسى رەيھان ھېيتەم بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان يالغۇز ئوغۇل بولۇپ. ئۇ، ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تىجارەت يولىنى تۇتقان.
2014-يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەگە كېلىپ تىجارەت قىلغان، ئارىدا بىر قانچە قېتىم يۇرتىغا بېرىپ-كېلىپ تۇرغان، ئۇ ئاخىرقى قېتىم 2016-يىلى 8-ئايدا ئۆيىگە قايتقان.
2017-يىلى، 4-ئاينىڭ 10-كۈنى كۈنى سۇبات تۇنجى تۈركۈمدە تەربىيەلەشكە ئېلىپ بېرىلغانلار قاتارىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، غۇلجا مالىيە مەكتەپتە قۇرۇلغان لاگېرغا 6 ئاي قامالغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى دىن ئۆگەنگەن دېگەن سەۋەب بىلەن ئىككىنچى قېتىم قايتا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ھۆكۈمسىز ھالدا بىر يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقتىنى بوز ۋە يېڭى ھايات تۈرمىلىرىدە ئۆتكۈزگەن.
سۇبات 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىككىنچى قېتىم قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تېخى يېقىندا تىجارەت قىلىپ ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا باشلىغان. ھالبۇكى دائىرىلەر بىر ئاينىڭ ئالدىدا، يەنى، 3-ئاينىڭ 24-كۈنى سۇباتنى ئۆيىدىن قايتا تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتكەن. دىلنارەنىڭ غۇلجادىكى تۇغقانلىرىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەت ئۇ ئۇدۇل بوز تۈرمىسىگە ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، دائىرىلەر ئۇنى بۇ قېتىم ئىلگىرى دىنىي تەلىم تەربىيە ئالغانلىقىنى باھانە قىلىپ تۇتقۇن قىلغان. ئۇنىڭ ئۇدۇل تۈرمىگە ئېلىپ بېرىلىشى ئۇنىڭ سوتسىزلا ئېغىر كېسىلىش ئېھتىمالىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
گەرچە دائىرىلەر سۇباتنى لاگېر باشلانغاندىن بۇيان 3-قېتىم تۇتقۇن قىلىشىغا، ئۇنىڭ ئىلگىرى دىنىي تەربىيە ئالغانلىقىنى باھانە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سۇباتنى كىچىكىدىن ياخشى تونۇيدىغان مىرزات ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، سۇبات تۈركىيەدىمۇ پەقەتلا سودا قىلىپ ئوقۇپ باقمىغان. ئۇلار پەقەت ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى بالا ۋاقتىدا مەھەللىدىكى ئىمام قارىلاردىن دىندىن ساۋاتىنى بىللە چىقارغانىكەن. سۇباتنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشىلەنگەن مىرزات «سۇبات 10 نەچچە يىللار ئاۋۋالقى ئادەتتىكى دىنىي ساۋات ئالغىنى ئۈچۈنلا خىتاينىڭ ئۇنى جازالىشى پۈتۈنلەي ئادالەتسىزلىك» دەيدۇ.
سۇبات لاگېر ۋە تۈرمىگە سەۋەبسىز قامىلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ۋە يەنە يېقىندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان تۇنجى ئۇيغۇر ئەمەس.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى