قەشقەر، خوتەن يېزىلىرىدىكى ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ مىللىي ئۇسلۇبى ...

شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆپلىگەن قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى بىناكارلىق نەمۇنىلىرى چېقىلىۋاتقاندا بۇ دولقۇننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئولتۇراق مەھەللىلىرىنىمۇ ۋەيران قىلىۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولماقتا.

خىتاينىڭ سوخۇ ئاگېنتلىقى 2020-يىلىنىڭ بېشىدا تارقاتقان بىر يۈرۈش سۈرەتلىك خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان قاراقۇرۇم تېغى ۋادىسىدىكى ئۇششاقباش يېزىسىدىن 14 مىڭچە دېھقان «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈش» دولقۇنىدا ئەسلىدىكى ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن. ئۇلار نۆۋەتتە قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىكى ئاقتاش تەۋەلىك رايونىغا سېلىنغان ئولتۇراق ئۆيلەر مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەسلىدىكى تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلغان بۇ دېھقانلاردىن ھازىر ئۈچ مىڭدىن ئوشۇق كىشى شۇ ئولتۇراق رايونىدا خىتاي سودىگەرلەرنىڭ مەبلىغى بىلەن سېلىنغان 20 نەچچە زاۋۇتقا ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىنغان.

خىتاي ئاخباراتىدا بېرىلگەن سۈرەتلىك خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىدىن سېلىنغان بۇ ئولتۇراق ئۆيلەر زىچ ھەمدە بىر دائىرىگە سېلىنغان. بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇنىڭغا قاراپ «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن ‹توپلاپ كونترول قىلىش› ئۇسۇلىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە لايىھىلەنگەن مەھەللە» دېگەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى