17 ياشلىق ئوغلى ئابدۇخالىق ئەزىزنى شەخسىي خىراجىتى بىلەن مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن ئەزىز ناسىر بىلەن ئامىنە ئابدۇباقى، (2016-يىلى يەنى تۇتقۇن قىلىنىشتىن بىرقانچە ئاي بۇرۇن)، قەشقەر.

ئاشكارىلىنىشىچە، دەۋرنىڭ قىسمەتلىرى سەۋەبىدىن باشلانغۇچتىن يۇقىرى ئوقۇش ئىمكانىغا ئېرىشەلمىگەن شوپۇر ئەزىز ناسىر بىلەن ئائىلە ئايالى ئامىنە ئابدۇلباقى ھاياتىدىكى بۇ ھەسرەتكە شىپا تېپىش ئۈچۈن 17 ياشلىق ئوغلى ئابدۇخالىق ئەزىزنى شەخسىي خىراجىتى بىلەن مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. ئۇلار بۇ قارارى ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆپ چىقىمدار بولۇپ كېتىش خەۋپىنى ئويلىغان، ئوغلى بىلەن بىرقانچە يىللاپ كۆرۈشەلمەي قېلىش قىيىنچىلىقىنى تەخمىن قىلغان، ئەمما ئاخىرىدا ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ 5 ۋە 8 يىللىقتىن كېسىۋېتىلىش قىسمىتىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇخالىق ئەزىزنىڭ بۇ گۇۋاھلىق باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 55 ياشلارغا كىرگەن ۋە 3 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان ئەزىز ناسىر ئۇزۇن مەزگىل قەشقەر شەھەرلىك خەلق باغچىسىنىڭ شوپۇرى بولۇپ خىزمەت قىلغان.

ئەر-ئايال ھەر ئىككىسى باشلانغۇچتىن يۇقىرى ئوقۇش ئىمكانىغا ئېرىشەلمىگىنى ئۈچۈن كۆپ ھەسرەت چەككەن ئەزىز ناسىر بىلەن ئامىنە ئابدۇلباقى 20 يىلچە تاپقان-تەرگەنلىرىنى دەسمايە قىلىپ 2015‏-يىلى ئوغلى ئابدۇخالىق ئەزىزنى مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. ئابدۇخالىق مىسىردا كۆرگەنلىرى ۋە مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئائىلىسىگە سۆزلەپ بېرىپ، ئاتا-ئانىسىغا زور ئۈمىدلەرنى بېغىشلاپ تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە، يەنى 2016‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئۇشتۇمتۇت دادىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن.

ئابدۇخالىق دادىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلمەي تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە، يەنى 2017‏-يىلىنىڭ بېشىدا ئاپىسىنىڭمۇ تېلېفونى ئازلاشقا باشلىغان. ئارىدا قىسقا بىر مەزگىل ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ تەكرار باغلانغان. 2017‏-يىلى 4-ئايدا ئاپىسى ئۆزىنىڭ «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ مېڭىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۈندىداردا ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقان. ئەنە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن بەش جانلىق بۇ ئائىلىنىڭ بالىسىنى چەتئەلدە ئوقۇتۇۋاتقانلىق خۇشاللىقى قاباھەتلىك بىر چۈشكە ئايلانغان. 3 يىلغىچە ئاتا‏-ئانىسى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن ئابدۇخالىق ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا مەلۇم يۇرتداشلىرى ئارقىلىق ئاپىسىنىڭ 6 يىل كېسىلگەنلىك ئۇچۇرىنى ئالغان. ئەمما ئۇ يۇرتدىشى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ تېخىچە غايىب ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، قانۇنىي ئەھۋالى (سالاھىيىتى) ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىگەن.

ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرىنىڭ تېفۇنىنى قوبۇل قىلغان دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ قانۇنىي ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى نۆۋەتتە ئەزىز ناسىرنىڭ مارالبېشى تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەزىز ناسىر 3 يىل بۇرۇن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 3 ئاي قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن 8 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. بۇ خادىمنىڭ يەنە دەلىللىشىچە، ئەزىز ناسىرنىڭ ئايالى ئامىنە ئابدۇلباقى 5 يىللىق كېسىلگەن. نۆۋەتتە ئۇ ئاتۇشتىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئەزىز ناسىر بىلەن ئامىنە ئابدۇلباقىنىڭ ئوغلىنى مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن جازالانغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئابدۇخالىق ئەزىزمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن ۋە پۇل سالغانلىقىدىن باشقا «گۇناھى» نىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى