中國常駐日內瓦公使蔣端(中),一直以來在聯合國人權理事會上為美化中國政府對維吾爾人、藏人的高壓迫害。日前其成為聯合國人權理事會協商小組5名成名之一,擁有遴選聯合國人權專家的決策權,令外界擔憂「狐貍看守雞舍」。(聯合國人權觀察組織視頻截圖)

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ، خىتاينىڭ جەنۋەدىكى دائىملىق ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى جياڭ دۇەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.  دۇنيادىكى 82 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىرلەشمە ئىمزا قويۇپ،  ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ تەيىنلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى، يەنى جىياڭ دەننىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىنىشىنى بىكار قىلىشنى  تەلەپ قىلغان. ئۇلا يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەرتىپ بويىچە قارار چىقىرىش ھوقۇقى بار لىقىنى، « تۈلكىنى تۇخۇ كاتىكىگە قاراۋۇلۇققا قويۇش» قا يول قويۇلماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئوچۇق خەتتە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن : شۈبھىسىزكى ،خىتاي  دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرى ، خىتاي  ۋەكىللىرىنى بۇ ئۇرۇنغا  تەيىنلىەش خىتاينىڭ مۇستەقىل ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تاللىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ فونكىسىيىىسنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرىدۇ، پۈتكۈل سېستىمىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا « تۈلكىنى تۇخۇ كاتىكىنى قوغداشقا قويۇشقا بولمايدۇ».

شىزاڭ مەمۇرىي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەندىكى ۋەكىلى داۋاۋ كايرېن ب د ت نىڭ تەيىنلەش مېخانىزمىدىكى يوچۇقلارنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ ، خىتاينىڭ دېموكراتىك بولمىغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنى سېتىۋېلىشىغا ھەمدە  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ب د ت قاتارلىق نۇرغۇن تەشكىلاتلارنىڭ ئاۋازىنى كونتىرول قىلىشىغا يول قويدى، دېگەن.

مۇراجىئەتنامىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: « خىتاي ھۆكۈمىتى ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى تارقالغاندىن كېيىن ، ۋىرۇسنى ئاشكارىلىغان دوختۇرلارنى تۇتقۇن قىلدى ۋە ۋىرۇسنى خەلقئارادىن يۇشۇردى،  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى يالغان ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ ، دۇنيانى بىخۇتلاشتۇرۇپ، دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن قالايمىقانچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە ۋە نەچچە يۈزمىڭلىغان كىشلەرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپچى بولدى ».

4-ئاينىڭ 3-كۈنى ، جياڭ دۈەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بەش ئەزاسىنىڭ بىرىگە ئايلانغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋەكىلى كىرىس سىمىس ئامېرىكا پارلامېنتىنى،  خىتاينىڭ ب د ت ئورگانلىرى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىكى رولى ۋە سىياسىي تەسىرىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرغان ئىدى .

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 13-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا  بولسا، خىتاينىڭ بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىنى «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىققا ئاكتىپ قاتناشقانلىقى» دەپ تەرىپلىگەن.

 

مەنبە: