يېقىندا ئامېرىكادىكى بىر تور بېكەت ئامېرىكا رەندى شىركىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ 2017-ۋە 2018-يىللىرىشەرقىي تۈركىستاندا شىددەتلىك كۆپەيگەن بالىلار تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىغا دائىر بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، رەندى شىركىتىنىڭ ئىككى تەتقىقاتچىسى خىتاينىڭ مۇشۇ مەزگىل ئىچىدە قۇرۇلغان رايوندىكى 20 دەك بالىلار تۇرۇشلۇق ئورنىنى ئېنىقلاپ چىققان. «تېرلاين» ناملىق بۇ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ 20 دەك بالىلار ئورنى خىتاينىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلغان ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە بايقالغانىكەن.
لېكىن خەۋەردە، بۇ ئورۇنلار رايوندا مۇشۇ مەزگىل ئىچىدە قۇرۇلغان بۇ خىل ئورۇنلارنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسمى ئىكەنلىكى، بۇ خىل ئورۇنلارنىڭ بۇ مەزگىلدە شىددەتلىك كۆپىيىشىنىڭ رايوندىكى «قايتا-تەربىيەلەش» سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، رەندى شىركىتىدىكى تەتقىقاتچىلار بۇنىڭدا ئامېرىكا دۆلەتلىك جۇغراپىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن پايدىلانغان.
خەۋەردە، شىنجاڭ دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلى رايوندا 4387 يەسلىنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلىغانلىقى، بۇنىڭغا 562 مىڭ 900 بالا سىغىدىغانلىقى، بۇ قېتىم بايقالغان ئورۇنلارنىڭ خوتەنگە يېقىن يېزا-كەنتلەردىكى ئاز بىر قىسىم «يەسلىلەر» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ، خىتاينىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى تۇتۇپ تۇرۇشنى نىشان قىلغان ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا 3 مىليوندەك ئادەم تۇتقان قىلىنىپ، ئاتا-ئانىسىز قالغان نۇرغۇن بالىلار يېتىمخانىلارغا ئېلىپ كېتىلگەنىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى