4-ئاينىڭ 19-كۈنى ( يەكشەنبە )، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى سۈن لىجۈننىڭ«ئىنتىزام ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى» ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئېلان قىىلىنغان.
بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن سۈن لىجۈن خىتاينىڭ بۇ يىل ئىشتىن بوشىتىلغان ئىككىنچى مۇئاۋىن ئۆلكە ۋە مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولۇپ ، بۇ يىل 2-ئايدا ، ئۇ يەنە ۋۇخەندىكى مەركىزى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى كۆپ قېتىم ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ دوكلاتىدا ئېلان قىلىنغان.
خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يەكشەنبە (19-ئاپرېل) كەچ سائەت 7:30 دا تور بېكىتىدە سۈن لىجۈننىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، . دائىرىلەر پارتىيە كومىتېتى ئەزاسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىنىڭ «ئىنتىزام ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى» نى جاكارلىغانلىقىنى ، ھازىر مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەتلىك نازارەتچىلىك كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى يەكشەنبە كۈنى بىر كېچىدىلا مەيدانىنى ئىپادىلەپ ، سۈن لىجۈننى تەكشۈرۈش قارارى چىقارغان ، يىغىندا ئۇنى مەركىزىي سىياسىي ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق كاتىپى جوۋ يوڭكاڭ ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى مېڭ خوڭۋېي بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرگەن.
سۈن لىجۈن بۇ يىل 12-ئاپرېل فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى جاڭ جىنەن يىقىلغاندىن كېيىن تەكشۈرۈلگەن جۇڭگونىڭ ئىككىنچى مۇئاۋىن ئۆلكە ۋە مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولۇپ، گەرچە دوكلاتتا ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئېنىقلىما بېرىلمىگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ «ئىنتىزام ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى»ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قارارى ئېلان قىلىنىپ تەخمىنەن تۆت سائەتلەردىن كېيىن ،خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جاۋ كېجى شۇ كۈنى كەچتە پارتىيە كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، سۈن لىجۈننىڭ تەكشۈرۈشىنى «قوللايدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، ئۇلارنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىشتىن بوشىتىلغان يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جوۋ يوڭكاڭ ۋە مېڭ خوڭۋېي بىلەن پاراللېل ھالدا سۈن لىجۈننى تىلغا ئېلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ جوۋ يوڭكاڭ ، مېڭ خوڭۋېي ۋە سۈن لىجۈن ۋە باشقىلارنىڭ زەھەرلىك تەسىرىنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
جوۋ يوڭكاڭ 2014-يىلى ئىشتىن بوشىتىلغان بولۇپ ، ئۇ ھازىرغىچە خىتايدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىرى ، ئۇ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي سىياسىي ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ كاتىپى بولۇپ ، پارىخورلۇق ۋە ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مېڭ خوڭۋېي 2018-يىلى ئۆكتەبىردە تۇيۇقسىز غايىب بولغان بولۇپ، ئايالى فرانسىيە ساقچىلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
سۈن لىجۈن شەندۇڭ چىڭداۋدىن بولۇپ، 1969-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان ، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا چاپلانغان تەرجىمىھالىدا ئۇنىڭ 1988-يىلى خىزمەتكە قاتناشقانلىقى ۋە 1997-يىلى پارتىيەگە قاتناشقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇ ئاۋسترالىيە( The University of New South Wales)يېڭى جەنۇبىي ۋېلىش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاممىۋى ساغلاملىق ۋە شەھەر باشقۇرۇش كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئۇنىڭ غەرب ئورگانلىرىدىكى ئارقا كۆرۈنۈشى خىتاي بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى ئىچىدە بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدۇ.
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ رەھبەرلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىستونىدا مىنىستىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 12 ئادەم بار ، سۈن لىجۈن 8-ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە جەمئىي 6 مۇئاۋىن مىنىستىر بار ، سۈن لىجۈن بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.
ۋۇخەندە ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى تارقالغاندىن كېيىن ، سۈن لىجۈن يەنە ۋۇخەنگە بېرىپ ، جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنى نازارەت قىلغان.
ئۇ 2018-يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولۇشتىن ئىلگىرى ، مەركىزىي سىياسىي ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق كاتىپى مېڭ جيەنجۇنىڭ كاتىپى بولغان ، ئاندىن جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە قوغداش ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ۋە مۇئاۋىن باش ساقچى نازارەتچىسى بولغان. ئىلگىرىكى رەسمىي دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئۇنىڭ خىزمىتى خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا يولغا قويغان جىنايەتكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
رەسمىي ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، كۈزدىن ئىلگىرى ئۇ يەنە جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكى قارمىقىدىكى شياڭگاڭ ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.
مەنبە: BBC NEWS