شىياڭگاڭ ساقچىلىرى 18- ئاپرىل، ئۆتكەن يىلى شىياڭگاڭدىكى كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا چېتىشلىق بولغان دېموكراتىك پارتىيىنىڭ قۇرغۇچىسى مارتىن لى ، كىشلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئالبېرت خو ۋە ئاخبارات ماگناتى جىممىي لەينى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكراتىيەنى قوللايدىغان 14 كىشىنى قولغا ئالغان.
مارتىن لى شياڭگاڭ دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى دەپ قارىلىدۇ. جىممىي لەي بولسا شىياڭگاڭدىكى دېموكراتىيەنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئاخبارات تەشكىلاتى بولغان «Apple Daily» نىڭ دېرىكتۇرى.
شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۇلارنى قولغا ئېلىشنىڭ «سىياسىي مەقسەت» نى كۆزلەيدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ قويۇپ، ئوخشىمىغان پىكىردىكى ئېقىملارنى چەكلەش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارىغان.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، كۆزگە كۆرۈنگەن پائالىيەتچىلەر ۋە دېموكراتىيەنى قوللايدىغان سابىق پارلامېنت ئەزالىرى شەھەرنىڭ ئاممىۋى تەرتىپ نىزامى ئاستىدا قولغا ئېلىنغان ، بۇ ساقچىلار ئاممىۋى نامايىشقا خالىغانچە «قانۇنسىز يىغىلىش» دەپ قالپاق كىيدۈرۈپ، ئاندىن ئۇلارنى نامايىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئالغان.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايك پومپېيو خىتاي ۋە ئۇنىڭ شياڭگاڭدىكى «ۋەكىللىرى» نىڭ 1997-يىلدىكى سابىق ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسىنىڭ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنى قوللايدىغان شەرتلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، دېموكراتىيەنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەيىپلىگەن.
پومپېيو يەنە خىتاي ۋە ئۇنىڭ شياڭگاڭدىكى ۋەكىللىرىنىڭ داۋاملىق جۇڭگو-ئەنگىلىيە بىرلەشمە باياناتىدا بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قىلىپ كەلگەنلىكىنى، شياڭگاڭنىڭ « يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىشى» غا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار ۋە ئورتاق ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ دېلوغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەنگىلىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىر رىفكىند شىياڭگاڭنىڭ بۇلارنى قولغا ئېلىشىنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان شىياڭگاڭنىڭ تۈزۈلمىسىگە زىت ئىكەنلىكى، بۇنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئەمەس، بىر مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان تۈزۈمگە قىلىنغان« قورقۇنچلىق ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
بۇ ئەمەلىيەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىزچىل كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئوچۇق-ئاشكارە دەپسەندە قىلىنىشى دەپ قارىلىدۇ.