法国诺贝尔医学奖得主Luc Montagnier

ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسىنىڭ كىلىش مەنبەسى خەلقئارادا داۋاملىق تالاش- تارتىش پەيدا قىلماقتا.  ئەيدىز ۋىرۇسىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن 2008-يىللىق نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىرانسىيەلىك داڭلىق ۋىرۇس مۇتەخەسسىسى  پروفېسسور لۇك مونتاگنىيېر (Luc Montagnier)پەيشەنبە كۈنى فىرانسىيەلىك بىر تىببىي مۇتەخەسسىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،  ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: « مۇتەخەسىسىسلەر  ماتېماتىكىلىق مودېللارنى ئىشلىتىپ ۋىرۇس گېنلىرىنىڭ نەتىجىسىنى تەتقىق قىلىپ، ھىندىستان ئالىملىرى ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشنىڭ توغرىلىقىنى يەنى يېڭىدىن پەيدا بولغان بۇ ۋىرۇسنىڭ گېنىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ گېنى بارلىقىنى ئىسپاتلىغان.

ئۇ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىنىڭ بۇ كورونا ۋىرۇسىنى تەتقىق قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن يىللارنىڭ بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدە مۇتەخەسىس ئىكەنلىكىنى، خىزمەتدېشى ماتېماتىك جېن كلاۋۇد پېررېز ماتېماتىكىنى بىئولوگىيىلىك گېن تەرتىپىنى تەتقىق قىلىشتا قوللىنىپ،  گېن تەرتىپىنىڭ بارلىق قىسىملىرىنى تەتقىق قىلغانلىقى، ئەمما  بۇ  يېڭى چىققان كورونا  ۋىرۇستا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ گېنى بارلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى بولۇپ بايقىمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ھىندىستان ئالىملىرىنىڭ تۇنجى بۇلۇپ بۇ يېڭى چىققان كورونا ۋىرۇسنىڭ گېن گۇرۇپپىسىدا باشقا ۋىرۇسلارنىڭ گېنىنىڭ رەت تەرتىپى بارلىقىنى بايقىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ماقالىلىرى بەك كۆپ بېسىمغا ئۇچرىغانلىقتىن، رەسمىي ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ، قانداقلا بولمىسۇن، ئىلىم- پەن ھەقىقىتىنىڭ دۇنياغا ھامان ئايان بولىدىغانلىقىنى دېگەن.

ئۇ يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ ۋىرۇس گېنىغا بىۋاستە تەسىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ۋىرۇس گېنىغا يېڭى ئاقسىل كىرگۈزۈش ئۈچۈن چوقۇم تەجرىبىخانىدىن ئۆتۈشى كېرەكلىكى، بۇ ۋىرۇسنىڭ تەبىي شەكىللەنگەن ۋىرۇس بولماستىن،  شەپەرەڭنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسى ئاساسىدا ياسالغان سۈنئىي ۋىرۇس ئىكەنلىكى ھەمدە ئېھتىياتسىزلىقتىن تەجرىبىخانىدىن سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ ئاخىرىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋىرۇس ئىشىدا ھەقىقەتنى ئېيتسا، دۇنيانىڭ بۇ ۋىرۇسنىڭ بالايىئاپىتىدىن قۇتۇلۇشىنىڭ ئاسان بولىدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقىدەك ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكى، بۇ ۋىرۇسنىڭ گېندا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ رەت تەرتىپى بولۇپلا قالماي، باشقا ۋىرۇسلارنىڭ  گېنىنىڭ رەت تەرتىپى بارلىقىنىڭمۇ دۇنياغا ھامان ئايان بولىدىغانلىقىنى ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەتقىق قىلىدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشنى چەكلىمەسلىكىنى ، بۇ جەھەتتە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى تۇنۇشىىنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكادىكى فوكۇس خەۋەرلىرى قانىلىنىڭ 16- ئاپرىلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت مەنبەلىرى بۇ ۋىرۇسنىڭ شەپەرەڭدىن ئادەمگە يۇققانلىقى، ئۇنىڭ مەزكۇر تەجرىبىخانىدا تەجرىبە قىلىنغانلىقى، تۇنجى يۇقۇمدارنىڭ بۇ تەجرىبىخانىدا ئىشلەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ۋۇخەندىكى ئاھالىلەرگە تارقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

مەخپىي ۋە ئاشكارا ھۆججەت ھەم دەلىللەر ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئىزچىل رەت قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى خەلقئارادىن يۇشۇرۇپ كەلمەكتە.

مەنبە: rfi