2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەت كىشىلىرىنى لاگېرلارغا قامىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىمۇ بار ئىدى.
ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدە مېدىتسىنا كەسپى بويىچە ئوقۇش ۋە تەتقىقاتىنى تاماملىغاندىن كېيىن 2014-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەن ۋە 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىمامجان ئىبراھىم ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.
ئىمامجان ئىبراھىمنىڭ ئامېرىكادىكى مەزگىلىدە ئوقۇش ۋە خىزمەت ئۈچۈن يوللىغان ئىلتىماسىدىكى تەرجىمىھالىغا قارىغاندا، ئۇ 1985-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 2004-يىلدىن 2009-يىل 7-ئايغىچە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دورىگەرلىك كەسپىدە ئوقۇپ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 2010-يىلى 6-ئايدىن 2011-يىلى 12-ئايغا قەدەر توكيو مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىنىڭ يۈرەك كېسەللىرى بۆلۈمىدە زىيارەتچى ئىلمىي خادىم بولۇپ بىلىم ئاشۇرغان. 2012-يىلىدىن 2014-يىلىغا قەدەر ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان. بۇ جەرياندا ئۇ بوستوندىكى «بېت ئىسرائىل تېببىي مەركىزى» دە بىر مەزگىل ئىشلىگەن.
ئىمامجان ئىبراھىم 2014-يىلى 11-ئايدا بوستوندىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ۋېچات تورى ئارقىلىق چەتئەللەردىكى كەسىپداشلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى 2017-يىلىغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ 2015-يىلدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم شەخسىي شىركەتتە مەخسۇس ئۇيغۇر بىمارلىرىغا ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىدىغان مۇلازىمەت كەسپىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ جەرياندا يەنە بىرقانچە قېتىم ياپونىيەگە بېرىپ-كەلگەنلىكىنى دوستلىرىغا ئېيتقان ئىكەن.
ئىمامجان ئىبراھىمنىڭ كەسىپداشلىرىدىن 2010-يىلى ياپونىيەدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ تۈركىيەگە كەتكەن دوختۇر ئابلەت تۇران ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىمامجان ئىبراھىمنىڭ 2009-يىلىنىڭ ئاخىرى ياپونىيەدىكى توكيو مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىنىڭ يۈرەك كېسەللەر بۆلۈمىگە كېلىپ بىلىم ئاشۇرغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ياردەمدە بولغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى 1-ئايدىن كېيىن ئىمامجان ئىبراھىم يەنە ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ياكى ياپونىيەدە دوكتورلۇق ئوقۇش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياپونىيە ۋە ئامېرىكادىكى ئۇستازلىرى ۋە بۇ ساھەدىكى ئۇيغۇر كەسىپداشلىرىدىن ياردەم سورىغان ئىكەن.
مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىمنىڭ ئەسلىمە قىلىشىچە، 2017-يىلى ئەتىياز مەزگىلىدە ئۇ ئىمانجان ئىبراھىمدىن تۇيۇقسىز تېلېفون ئالغان.
ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىمامجان ئىبراھىم تېلېفوندا ئۆزىنىڭ بوستوندا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇش ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ئەمما پاسپورتى تارتىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكاغا ۋىزا ئېلىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى ئېيتقان. شۇ يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.
فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى خالمۇرات ئۇيغۇر ئەپەندى ئىمامجان ئىبراھىمنىڭ 2017-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئەڭ دەسلەپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىغان.
خالمۇرات ئەپەندىنىڭ 25-مارت كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىمامجان ئىبراھىمنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئەڭ دەسلەپ چەتئەللەردىكى دوستلىرى ۋە كەسىپداشلىرىدىن ئۇققان ئىكەن.
خالمۇرات ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىمامجان ئىبراھىمنىڭ ۋېچاتتىكى «دوستلار چەمبىرىكى» دىن تۇيۇقسىز غايىب بولغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئېنىقلاش ئارقىلىق ئىمامجان ئىبراھىمنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلگەن ئىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى