تۇتقۇندىكى  شائىر شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى ئەپەندى.

ئىسرائىلىيەدىكى خىتاي يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ خانىم تىبەتلەر ھەققىدىكى يازمىلىرى بىلەن تونۇلغان خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى. 28-ئاۋغۇست كۈنى ئۇنىڭ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر شائىرى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى ھەققىدە خىتاي تىلىدا يېزىلغان «تارىم، بىر ئۇيغۇرنىڭ ھېكايىسى» ناملىق ماقالىسى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، «لوس-ئانجېلىس كىتابلارغا باھا مۇنبىرى» دە ئېلان قىلىنغان ۋە دىققەت قوزغىغان.

تاڭ دەنخوڭ خانىم ماقالىسىدە شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ 2014-يىلدىن 2016-يىلغىچە ئىسرائىلىيە خايفا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە 2 يىللىق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ 2017-يىلى 2-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئاڭلىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ قىسمىتىگە تولىمۇ ئېچىنغانلىقىنى بايان قىلغان. ئاپتور يەنە ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ خىتايدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تەڭسىزلىكلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر قىسىم شېئىرلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ شېئىرلاردا ئەكس ئەتكەن ئىدىيەلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە ئوقۇرمەنلەرنى ئابلەت ئابدۇرۇشىت بەرقىگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئىلىم ئادەملىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بويىچە باستۇرۇلىۋاتقانلىقىدەك ئېغىر ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىشقا ئۈندىگەن.

تاڭ دەنخوڭ خانىم 2-سېنتەبىر كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ماقالىنىڭ يېزىلىش سەۋەبى ۋە ماقالە ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسىتى توغرىلىق توختالغان.

تاڭ دەنخوڭ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى ئۈچۈن يېزىلغان «تارىم، بىر ئۇيغۇرنىڭ ھېكايىسى» ناملىق ماقالىسىنىڭ خىتايچە نۇسخىسى 2019-يىلى2-ئايدا «خىتاي سىفىرلىق ۋاقتى» تورىدا ئېلان قىلىنغان.

تاڭ دانخوڭ خانىم ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ بۇ ماقالىسى سەۋەبلىك خىتاي لاگېرىدا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان دوكتور ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىگە خەتەر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ ماقالىسىنى ئېلان قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما ئۇ كېيىنچە ئۆزىنىڭ مەزكۇر ماقالىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتايدا «تارىم» تەخەللۇسىدا تونۇلغان بۇ ئۇيغۇر شائىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقنى سۆلىگەندىلا ئاندىن ئۇنىڭغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن 2014-يىلدىن 2016-يىلغىچە ئىسرائىلىيە خايفا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى نىمرود بارانوۋىچ (نىمرود بارانوۋىتچ) نىڭ يېتەكچىلىكىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى بىلەن تونۇشۇشقان ۋە كېيىنچە ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورناتقان.

تاڭ دەنخوڭ خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، شائىر، تەتقىقاتچى ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى خىتايلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان، يەنى غەربلىكلەرگە ئوخشايدىغان چىراي-تۇرققا ئىگە ئۇيغۇر ئىكەن. ئەمما ئابلەت ئابدۇرېشىت ئۆزى بىلىدىغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن پەرقلىق ئىكەن. يەنى ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبەت-مۇنازىرىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قارىتا يەنىلا مەلۇم ئۈمىدتە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان، سۆزلىرىدە خىتاي بىرلىكىنى تەكىتلەپ تۇرىدىغان، ئېغىر بېسىق، ئۆز پىكىر قارىشىنى بايان قىلىشتا ئېھتىياتچان، كوللېكتىپ پائالىيەتلەردە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشنى خالىمايدىغان، ئۆزى ئۇچراشقان كىشىلەر بىلەن مەلۇم ئارىلىق ساقلايدىغان خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، بۇ تەرەپلىرى ئۇنىڭدا ئالاھىدە تەسىر قالدۇرغان ئىكەن.

ئەمما مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ 2016-يىلى ئىسرائىلىيەدىكى 2 يىللىق تەقىقاتىنى تاماملاپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەنلىكى، 2017-يىلى 2-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغانلىقى تاڭ دەنخوڭ خانىمنى قاتتىق ئېچىندۇرغان.

تاڭ دەنخوڭ خانىمنىڭ قارىشىچە، ئىسرائىلىيەدەك يەھۇدىيلار توپلاشقان بىر دۆلەتتە پۈتكۈل مىللەت بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئىسرائىلىيەدە گەرچە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تونۇش غەرب دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا يېتەرلىك بولمىسىمۇ، ئەمما يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىش ۋەزىيىتى ھەققىدىكى خەۋەر-ماقالىلەرنىڭ ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىدا بارغانچە كۆپىيىشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە ئىسرائىلىيەدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە يول ئاچىدىكەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى