قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىكى مەسچىتكە ئېسىلغان قىزىل تەشۋىقات لوزۇنكىسى، 2017-يىلى ئىيۇل.

خىتاي دائىرىلىرى دىنىي ئېتىقادقا قارشى جەڭ ئېلان قىلغان يېقىنقى ئۈچ يىلدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى چېقىش ۋە يوق قىلىش بىلەن قانائەت قىلماستىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئېتىقاد ئەھلىنىڭ ئۈستىلەپ غۇرۇرىغا تېگىدىغان ئىشلارنى قىلغان ياكى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلغان. ئاتۇشنىڭ سۈنتاغ يېزىسىدىكى تۆكۈل مەسچىت تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈنلا ئوبۇرنىيغا ئۆزگەرتىلگەن؛ چېقىلغان ئازنا مەسچىتى ئورنىغا ھاراق-تاماكىمۇ سېتىلىدىغان تاللا بازىرى بەرپا قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلار ھەققىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلىغاندا، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىغا چۈشەنچە بەرگەندە، ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا قارشى ئەمەسلىكى، پەقەت تېررورلۇققا ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنىدى. ئەمما ئاشكارىلىنىۋاتقان مىڭلارچە پاكىت، خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە ئېتىقاد ئەھلىگە قارشى خورلاش ۋە دەپسەندە قىلىش خاراكتېرىدە ھۇجۇم ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى دەلىللىمەكتە. ئاتۇشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئاتۇشتىكى بىر ئون ئائىلە باشلىقى، سۈنتاغدىكى تۆكۈل مەسچىتىنىڭ ئوبۇرنىيغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئاتۇش شەھەر ئىچىدىن 3 كىلومېتىرچە ئۇزاقلىقتىكى بۇ مەسچىتنىڭ ئوبۇرنىيغا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى، بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن مەلۇم بىر خىتاي قۇرۇلۇش شىركىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. ئالاقىدار خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۈنتاغنىڭ تۆكۈل مەھەللىسىدە ھەممە ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئوبۇرنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاممىۋى بىر ھاجەتخانىغا ئېھتىياجلىق كىشىلەر يوق ئىكەن ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەھەللە، شەھەردىن 3 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا بولۇپ، بۇ مەھەللىگە ساياھەتچىلەرنىڭمۇ كېلىش نىسبىتى نۆۋەت ئىكەن. ئەسلىدە بۇ مەھەللىدە ئاممىۋى بىر ھاجەتخانىغا قارىتا رېئال بىر ئېھتىياجنىڭ يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان بۇ خادىم؛ بۇ مەسچىتنىڭ ئورنىغا نېمە ئۈچۈن ھاجەتخانا سېلىنغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، بۇنىڭ پەقەت خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈنلا سېلىنغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دېيىلىشىچە تۆكۈل مەسچىتنىڭ ئورنىغا سېلىنغان بۇ ئوبۇرنىي قۇرۇلۇشى تاماملانغان بولسىمۇ، تېخى رەسمىي مۇلازىمەت باشلىمىغان.

يەنە سۈنتاغدا چېقىۋېتىلگەن ئازنا مەسچىتىنىڭ ئورنىغا ھاراق-تاماكىمۇ سېتىلىدىغان بىر تاللا بازىرى سېلىنغان.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلار داۋامىدا خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى بىر مەسچىتنىڭ كەنت كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان؛ خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسىدىكى بىر مەسچىتنىڭ بولسا، سىچۈەندىكى بىر ئىچ كىيىم فابرىكىسىنىڭ شۆبىسىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى دەلىللەنگەنىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى