« شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى2019- يىلدىن باشلاپ يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە « ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر باغچىسى» دېگەن نامىدا چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنى قۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ كەسىپلەر باغچىسىدا 12 كارخانا بولۇپ، « يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇۇرش » نامىدا 6200 دىن ئارتۇق كەنىت ئاھالىسىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە كارخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىشقا سېلىۋاتقان.
چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىلىرى «يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دەۋاتقان بۇ ھەرىكەتنى شەرقىي تۈركىستانداا يولغا قويۇلۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك، دەپ قارىماقتا. ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز بىلەن «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق ئاخباراتلار بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ھالدا ئەرزان باھالىق ئىشچىلار قوشۇنىغا ئايلاندۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مەنبە: « شىنجاڭ گېزىتى»