U.S. Imposes Sanctions on Chinese Officials Over Mass Detention of Muslims

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى مىت رومنېي بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى بېن مىكئادامس 9-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قىلمىشىغا قارىتا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىرغان.

ئامېرىكانىڭ يۇتاھ شىتاتىدىكى كلس تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىت رومنېي 9-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى يوقىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش توغرىسىدىكى دەلىللەر پەۋقۇلئاددە قەبىھ. بىز ھۆكۈمەتنى بۇ ۋەھشىلىكنىڭ خاراكتېرىنى رەسمىي بېكىتىپ، جاۋاپكارلارغا جازا قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز،» دېگەن.

مىت رومنېي بۇ چاقىرىقنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 نەپەر ئەمەلدارىغا ئىمبارگو قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان كۈنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 9-ئىيۇل ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ چېن چۈەنگو، ۋاڭ مىڭشەن، جۇ خەيلۇن، خو ليۇجۈن قاتارلىق 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىگە ئىمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

كلس تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىت رومنېي بىلەن بېن مىكئادامس يەنە ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىنىڭ 78 نەپەر ئەزاسىنىڭ يېقىندا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو بىلەن مالىيە مىنىستىرى مىنۇچىنغا يازغان مەكتۇبىغىمۇ ئىمزا قويغان. ئۇنىڭدا «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قاراتقان زوراۋانلىقى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى مەجبۇرىي توسۇشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا داىر دەلىللەر ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىكى ۋە خەلقارا ھەرىكەتنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن ئىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى