ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كومىتېتى 10-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 4 خىتاي ئەمەلدارىغا جازا قويغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقى، لېكىن بۇ جازا «دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قارىتىلغان ئاخىرقى ھەرىكەت بولۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. خىتاي كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو روبىئو بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مىكگوۋېرننىڭ باياناتتا تەكىتلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىمبارگو قارارى «مۇھىم، ئەمما خېلى ئۇزۇن كېچىككەن» بولۇپ، لېكىن قارشى ئېلىنىدىكەن.
باياناتتا، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئىككى يىل مابەينىدە چېن چۈەنگو قاتارلىق ئەمەلدارلارنى جازالاش، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى جاۋاپكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەقەمسايىلىرىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەت قوللىنىشى، كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرى ئەمگەك، مەجبۇرى تۇغماس قىلىش ۋە دىنىي ئېتىقاتىنى ئەيىپلەشكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئەتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن داۋاملىق ھەمكارلىشىشىمىز بەك مۇھىم» دېيىلگەن.
باياناتتا يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» سۇنۇپ، مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغانلىقى، شۇنداقلا 2-ئىيۇل كۈنى دولەت مەجلىسىنىڭ 76 نەپەر ئەزاسىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىقىغا خەت يېزىپ، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قەبىھلىكنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشنى، ئۇيغۇر ۋە قازاق ئاياللىرىنى مەجبۇرى تۇغماس قىلىش، زورلاش خاراكتېرلىك نوپۇس كونترولى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى