ئامېرىكا ھۆكۈمىتېتىنىڭ 9-ئىيۇل شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن ئالاقىسى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن ئېلان قىلغان جازاسى غەرب مەتبۇئاتلىرىدىن، جۈملىدىن گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدىنمۇ كەڭ ئورۇن ئالدى. 9-ۋە 10-ئىيۇل كۈنلىرى «زۇلۇم چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلار: ئامېرىكا خىتاي سىياسەتچىلىرىگە جازا يۈرگۈزدى»، «ئامېرىكا يولغا قويغان جازا تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈندۇر»، «ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەزىيىتى: خىتاي سىياسەتچىلىرى ئامېرىكا تەرىپىدىن جازاغا ئۇچرىدى» قاتارلىق كۆپلىگەن ماقالە، خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، دىققەت قوزغىدى.
ئەمما بۇ بىر قانچە كۈنلەردىن بۇيان گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ساختا تەشۋىقاتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇشتىكى مەقسىدى توغرىسىدا ئېلان قىلىنىپ كەلگەن زور ھەجىملىك ماقالىلار كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ بەكرەك دىققەت نەزىرىگە ئۇلاشقان ئىدى.
9-ئىيۇل سىنگاپوردىكى «كونراد-ئادېنائۇۋېر جەمئىيىتى» نىڭ رەھبىرى كىرىستوفېر گرابتىز ئېلان قىلغان «خىتاي يەر شارىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتمەكچى» ناملىق ماقالىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ساختا تەشۋىقاتىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي تەشۋىقاتنىڭ يولىنى بىلىۋالدى. ئۇ پىسخىكا جەھەتتىن ئوچۇق-ئاشكارا ھۇجۇمغا ئۆتمەكتە. بىراق ئۇ يەنە بىردىنلا يېقىملىق ۋە ئەخلاقلىق قىياپەتكە كىرىۋالالايدۇ. مەنپەئەتىگە توغرا كەلگەندە مۇلايىم، ئەكس تەقدىردە زالىم بولالايدۇ. قائىدە بويىچە، تەشۋىقاتلار يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ بارىدۇ. بىراق خىتاينىڭ ھازىرقى چەتئەلگە قارىتا يولغا قويۇۋاتقان تەشۋىقاتلىرى دەل ئەكسىچە يۆنىلىشتە بولماقتا. ئۇ ئىچكىي جەھەتتىكى زوراۋانلىق بىلەن تاشقىي جەھەتتىكى مۇلايىملىقنى بىرلەشتۈرۈپ، تەڭ ئېلىپ بارماقتا.»
«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» 9-ئىيۇل ئېلان قىلغان «سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش» ناملىق ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقاتىنى غەيرىي يوسۇندا قوللىغانلارغا قارشى باۋارىيە ھۆكۈمىتى جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. قارىماققا زىيانسىز كۆرۈنىۋاتقان كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ ئارقىسىدا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچلۈك پروپاگاندا ئاپپاراتلىرى بار.»
ماقالە 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان باۋارىيە شىتاتىدىكى 3 كوڭزى ئىنىستىتۇتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە جاۋابەن يېزىلغان. بۇ تەكشۈرۈش باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماركوس رىندېباخېر ئەپەندىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇ شىكايىتىدە بۇ 3 كونڭزى ئىنىستىتۇتىنى «ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن دەھشەتلىك زۇلۇم سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقان خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارماقتا» دەپ ئەيىبلىگەن. بىراق خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سابىق پىرىزدېنتى گۈنتېر بېكشىتايىن «بىز بۇ ئىنىستىتۇتلارنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغانلىقىنى بايقىمىدۇق» دەپ، ئۇنى تاقاشقا قارشى چىققان.
ئەسەرنىڭ ئاپتورى مېخائىل ستېپانېك مۇنداق يازىدۇ: «مەن ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە سىڭىپ كىرىشىگە ئىتىبارسىز قاراۋاتقان بېكشىتايىن ئەپەندىگە كومپارتىيەنىڭ ئالدامچىلىقلىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان ‹36 تەدبىر› دىكى ‹سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش› نى ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ لېيىغان سۇدىكى بېلىق ئۆزىنى تۇتۇدىغان قارماققا سەل قارايدۇ. بۇ جانابار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلىرىدىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بازىلىرىدىكى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماقتا.»
ئاپتور يەنە شۇلارنى تىلغا ئالىدۇ: «خىتايدا ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنىۋاتقاندا، ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەر قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا سولىنىۋاتقان ۋە خۇسۇسىي ھاياتىنىڭ ھەربىر نۇقتىسى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىنىۋاتقاندا، خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتى ھەم كورونا كىرىزىسى قوشۇلۇپ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈستەل ئۈستىدە ئوپ-ئوچۇق تۇرغان بىر ئەھۋالدا، ئىقتىسادىي مەنپەئەت ھەممىنى كۆزدىن يىراق قىلدى. مەن سىزلەردىن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېچكىم بىلەن شېرىك بولمايدىغانلىقىنى ھەم ھېچبىر شېرىكى بىلەن تۈزگەن توختامغا ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ئىنىستۇتۇتلار پەقەت خىتاي مەنپەئەتى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ. كورونا كىرىزىسى ۋە بۇ كىرىزىستا خىتاينىڭ ئوينىغان رولىنىڭ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئېچىشىغا تۈرتكە بولىشىغا تىلەكداشمەن.»
يېقىندا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاپ بەرگەن مەركىزى بېرلىندىكى «مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنىستېتۇتى» نىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى كىرىستىن كۇفېر جاۋابىدا مۇنداق دەيدۇ: «مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلار خىتاي پىرىزدېنتى شى جىنپىڭنىڭ ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› ئىستراتېگىيەلىك پىلانىغا ئەڭ زور توسالغۇ بولغۇچى كۈچ دەپ قارالدى. چۈنكى ئاخىرقى بىر مەزگىلگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۆنىلىشى خىتاي زۇلۇمىغا بولغان نارازىلىقتىن ھالقىپ، مۇستەقىللىق تەرەپكە يۈزلەندى. مەن ئۇيغۇرلار ‹شەرقىي تۈركىستان› دەپ ئاتايدىغان بۇ زېمىنغا ئاخىرقى قېتىم 2011-يىلى بارغان ئىدىم. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مۆتىدىل مۇسۇلمانلار ئىدى. ئەر-ئاياللىرى باراۋەر ئىدى. ئاياللار مەكتەپلەردە ئوقىيالايتى. ئەرلەر ئېرىشكەن كۆپلىگەن ئىمتىيازلارغا ئاياللارمۇ ئېرىشەلەيتتى. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارنى ‹رادىكال›، ‹ئەسەبىي دىنىي ئۇنسۇرلار› دەپ لاگېرلارغا سولىۋېلىپ جازالاۋاتىدۇ. ئىككىنچى مۇھىم بىر سەۋەب، بۇ تۇپراقنىڭ مول تەبىئىي بايلىقلىرىدۇر. خىتاي بۇ بايلىقلاردىن بەھوزۇر پايدىلىنىشقا ئۇيغۇرلارنىڭ توسالغۇ بولۇشىنى خالىمىدى.»
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىقى ئارقىلىق ئىسپاتلىغان ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا ئائىت يالغان-ياۋىداقلىرىنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايغان سايراگۈل ساۋۇتباي بۇ ھەقتە توختالغاندا غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭشەرقىي تۈركىستاندىكى رېئاللىقنى بىلىش ئۈچۈن ئۆزىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخې شەھرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ گېرمانىيەدە بارغانسىرى كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى