ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۈگۈن، يەنى 9-ئىيۇل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىدا ئاساسلىق رول ئالغان 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلدى. بۇ جازا تەدبىرلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى جۇ خەيلۇن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىق 3 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارنى رايوندىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى قاتتىق دەپسەندە قىلغۇچى» دەپ بېكىتكەن. بۇ ھەقتىكى قاراردا يۇقىرىقى ئۈچ نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ ھەقتىكى باياناتىدا يۇقىرىقىلاردىن سىرت يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمدا رولى بار دەپ قارالغان باشقا خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
9-ئىيۇل كۈنى يەنە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى چېن چۈەنگو، جۇ خەيلۇن، ۋاڭ مىڭشەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى خو ليۇجۈن قاتارلىق 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى رايوندىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتا رولى بار» دەپ بېكىتتى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىتىۋىن مىنۇچىن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «ئامېرىكا مالىيە كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ تۇرۇپ، شىنجاڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا ۋەدە بېرىدۇ،» دېگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى رەسمىي باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ. . . ئامېرىكا بۈگۈن شىنجاڭدىكى دەھشەتلىك ۋە سىستېمىلىق دەپسەندىچىلىكلەرگە قارشى ھەرىكەت قوللاندى. بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەركىن ياشاش ھوقۇقىغا قىلغان زىيانكەشلىكلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىمىزگە ئورتاقلىشىدىغان بارلىق دۆلەتلەرنى بىز بىلەن بىرلىكتە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رەزىل قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىمىز.»
يۇقىرىقى بۇ قارار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ۋە ھەققانىيەتنى قوللىغۇچى دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرنى ۋە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى سۆيۈندۈردى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى