بېلگىيە پادىشاھى لېئوپولد II بۇزۇق ، زوراۋان ۋە قاتىل بولۇپ، ئۇ تارىختا مۇستەملىكچىلىكتىكى ئەڭ رەھىمسىز ئوبرازلارنىڭ بىرى. ئۇ ئىشغال قىلغان كونگونى ئۆزىنىڭ شەخسىي زىندانغا ئايلاندۇرۇپ ، كىشىلەرنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىپ، پاراكەندىچىلىك سالغان ۋە ئۇلارنى قاتتىق خورلىغان. جوسېف كونرادنىڭ 1899-يىلى يازغان «قاراڭغۇلۇق يۈرىكى» رومانىدا پادىشاھنىڭ سادىر قىلغان جىنايەتلىرى بايان قىلىنغان. شى جىنپىڭ بۇ ماقالىدە پادىشاھ لېئوپولد II بىلەن سېلىشتۇرۇلغان.
«تاشقى سىياسەت» ژورنىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ ۋە خىتاينىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق ئىزىلىۋاتقان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ھەققىدە يېڭى يوليۇرۇقلارنى بەرگەن. ژۇرنالنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بېيجىڭ 18 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى % 14 تىن% 34 كىچە ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ھەممىسىگە مەجبۇرىي ئۈزۈك سالدۇرۇپ، ئۇلارنى تۇغۇش ئەركىنلىكىدىن چەكلىگەن. شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نۇپۇسىنى خىتاي مىللىتىنىڭ نۇپۇسىدىن تۆۋەنلىتىشكە بۇيرۇغان. بۇ تارىختىكى ئەڭ ناچار مۇستەبىت پادىشاھلارنىڭ قىلمىشىنى ئەسلىتىدۇ.
شى جىنپىڭنىڭ يوليۇرۇقى بىلەن 2 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ لاگىرلارغا قامالغانلىقى ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان كىشلەرگە سىر ئەمەس. نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىدە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، دىكتاتور شىجىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «رەھىم قىلمايدىغانلىقى» تىلغا ئېلىنغان.
دۇنيا يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورقۇتۇش ۋاستىلىرى ۋە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرگە قانداق ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى ھوقۇقىدىن قانداق مەھرۇم قالدۇرىدىغانلىقىغا شاھىت بولدى. ئەمەلىيەتتە ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئىمزالىغان دېموكراتىيە ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن ، ئاز دېگەندە 2047-يىلغىچە شىياڭگاڭنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھۇقۇقىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما شى جىنپىڭ دەۋرىدە شياڭگاڭ خەلقى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش رەھىمسىزلەرچە قورشاۋدا قالدى ، ھازىر مەۋھۇم ۋەيران بولۇش ھالىتىدە تۇرماقتا.
Neue Zürcher Zeitung بىر ھەپتە ئىلگىرى بېيجىڭنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن ، پۈتكۈل رايوندىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ بايانلىرىنى ئاساس قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا ،خىتاي كومپارتىيەسى نەزىرىنى ئامېرىكا ، ياپونىيە ۋە ياۋروپاغا قاراتقان. گېزىتتە مۇنداق دېيىلگەن: بېيجىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىنى بويسۇندۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ تەسىرى ئاستىغا ئېلىشنى قارار قىلدى.»