خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلاردىن بولغان «لاكوستې» شىركىتى يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ قارالغان تەمىنلەش زەنجىرلىرى بولغان بارلىق ئالاقىسىنى كېسىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى «Adidas» شىركىتىدىن كېيىن بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن يەنە بىر نەتىجە ھېسابلىنىدىكەن.
«گلوسسىي» ناملىق تور گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 3-ئايدا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى توقۇلمىچىلىق سانائىتىنى ئاساس قىلغان زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلۇشى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات ئېلان قىلغاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رافائىل گلۇكسمان بىر ھەرىكەت باشلىغان. ئۇ بۇ ھەرىكىتىدە خىتايدىكى مۇشۇنداق زاۋۇتلاردىن مال تەمىنلەۋاتقان 83 داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىلىرىغا مەكتۇپ ئەۋەتكەن ۋە ئۆزى بىۋاسىتە كۆرۈشكەن. نەتىجىدە ھازىرغىچە «Lacoste» ۋە «Adidas» شىركەتلىرى بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رافائىل گلۇكسمان ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ھېسابى ئارقىلىق بۇ خوش خەۋەرنى ئېلان قىلىپ «ئەمدىكى قەدەمدە ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىۋاتقان تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىن مال ئېلىۋاتقان قالغان 81 ماركىنى توختىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلايلى» دېگەن. ئۇ «گلوسسىي» تور گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ ھازىر بۇ مەسىلىدە «Nike» شىركىتى بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى