مىسىردا تۇتۇلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان چاقىرىق.

مىسىر دائىرىلىرى 3 يىل بۇرۇنقى مۇشۇ كۈنلەردە، ئەل ئەزھەر قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشتىن ئىلگىرى، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەتراپى ۋە قاھىرەدىكى 7-رايوننى مەركەز قىلغان جايلاردا ئازكەم 6 مىڭچە ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى. ئۇلار ئاساسلىقى مۇھاجىر ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، بەزىلىرى ھەتتا ئائىلىسى ۋە بالىلىرى بىلەن تۇرۇۋاتقانىدى. ئەينى يىلى خىتاينىڭ تۈرلۈك بېسىم ۋە تەھدىتلىرى سەۋەبلىك بەزىلىرى خىتايغا قايتقانچە تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامالغان بولسا، قايتىپ كەتمىگەنلىرى 2017-يىلى 4-ئىيۇل كېچىدىن باشلاپ مىسىر ساقچىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇنىغا ئۇچرىغان.

مەزكۇر تۇتقۇنغا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭمۇ ھەمكارلاشقانلىقى، تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى ھەتتا خىتاي ئەۋەتكەن ئۇيغۇر ساقچى خادىملارنىڭ سوراققا تارتقانلىقىدەك ئۇچۇرلار مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى سىياسىي ئويۇن ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت گۇمانلارنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقارغانىدى. بۇ مەسىلىلەر خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەنىدى.

ھالبۇكى ھازىرغا قەدەر خىتاي دائىرىلىرى مىسىردا قانچىلىك بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە جاۋاب بەرمەي ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىدە تۇرۇپ كەلدى.

ئەينى چاغدىكى تۇتۇش دولقۇنىدا تۇرا تۈرمىسىگە قامالغان يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 16 ئوقۇغۇچىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوق. ھەتتا بەزى مەنبەلەردە ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئەينى ۋاقىتتا بۇ تۇتقۇنلار ئاساسەن ئەرلەر بولۇپ ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاياللىرى ۋە بالىلىرى تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ ئۈلگۈرگەنىدى. مىسىر ۋەقەسىدە ئەرلىرىدىن ئايرىلىپ، ئوخشاش پاجىئە ۋە قىسمەتلەرگە يولۇققان ئۇيغۇر ھەدە-سىڭىللاردىن بىر قانچىسى 3 يىلدىن بۇيان، مىسىر ۋەقەسىدە غايىب قىلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ۋە بۇ جەرياندا ئۇچرىغان تۇرمۇش، ئىقتىسادىي ۋە روھىي قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن ئۆزئارا يار-يۆلەكتە بولۇپ كەلگەن.

مەزكۇر ۋەقەنىڭ 3 يىللىقى خاتىرىسىدە ئۇلار يەنە دۇنيا جامائىتىگە ئۆزلىرىنىڭ نىداسىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

مىسىر ۋەقەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى سەۋەبلىك نام شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئۇلاردىن ئىككىيلەننى زىيارەت قىلغان.

6-ئىيۇن يېرىم كېچىدە قاھىرەدىكى ئۆيىدىن ئېرىنى مىسىر ساقچىلىرى قولىنى كىشەنلەپ ئېلىپ ماڭغاندا ئۆزىلا ئەمەس، بۇ قورقۇنچلۇق مەنزىرىگە 8 ياشلىق بالىسىنىڭمۇ شاھىت بولغانلىقىنى سۆزلىگەن بۇ ياش ئۇيغۇر ئايال ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان نىداسىدا مۇنداق يازغان: «بۈگۈن مىسىر ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلىشىپ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تۇتقۇن قىلغان بىر قاباھەتلىك بىر كۈندۇر. 2017-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن ۋە شۇنداقلا 2017-يىل 7-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ئۇيغۇرلار نۇرغۇن-نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئوغلانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان چوڭ مۇسىبەتلىك كۈندۇر. بۇ كۈن شۇنداق بىر كۈن بولدىكى، ئۇ تالاي دادىلارنىڭ شۇنداقلا شىر يۈرەك ئەزىمەتلەرنىڭ ياشاش ئەركىنلىكىدىن ۋە نومۇسىدىن ئايرىلغان كۈنىدۇر. بۇ كۈنى ئۇلارنىڭ قاراڭغۇ تۈرمىلەرگە سولىنىشقا، ئاچارچىلىققا، ئۇسسۇزلۇققا ۋە ئىنسانىيلىققا يات رەھىمسىزلەرچە خارلىنىش ۋە ئازابلىنىشقا تولغان دوزاخ كەبى ھاياتى باشلانغان كۈندۇر. يەنە بۇ كۈن نۇرغۇنلىغان سەبىي بالىلارنىڭ ‹دادا› دەپ چاقىرىشىدىن بىر بالىنىڭ تەربىيەلىنىش باسقۇچىدا دادىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئورنىنى ھېچقانداق نەرسە باسالمايدىغانلىقى قاتتىق بىلىنگەن بىر كۈندۇر. تەنھا قالغان ئانىنىڭ قوغداش ۋە ئاسراشلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ دادا! دادا! دەپ قان-قان يىغلاۋاتقان بالىلىرىنىڭ نىدالىرىغا بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇرلانغان بىر كۈن.

بۇ بىر كۈن ھېچ ئۇنتۇلماس ئازابنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولغان بىر كۈن.

بۇ بىر كۈن قەيسەر ياشاشقا يۈزلەنگەن بىر كۈن.

بۇ بىر كۈن قاچان ئاخىرلىشىشنى بىلگىلى بولمايدىغان ھىجرانلىققا تەنھالىقا تولغان بىركۈن.

بۇ بىر كۈن سەبىرنىڭ ئاچچىقلىرىنى يەتكۈچە تېتىپ بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرىدىغان بىركۈن.

بۇ بىر كۈن ئاللاھقا يېقىنلاشقان ۋە قاتتىق سىنالغان بىر كۈن.

ھازىرقى بىر كۈن ياردەمچىسىز ۋە ئىلاجسىز قالغان بىر ئاجىز مۇسلىمە ئايالنىڭ ئاۋۋال ئاللاھتىن ۋە ئاندىن بارلىق قېرىنداشلىرىدىن ھالال جۇپتىنى قۇتقۇزۇش يولىدا ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىغا نەق 3 يىل بولغان بىر كۈن.

ھازىرقى بىر كۈن مۆئمىن  قېرىنداشلىرىمنىڭ ئائىلەمگە ۋە دادىسىز قالغان يالغۇز قىزىمغا دۇئا قىلىشىغا موھتاج بولغانلىقىمغا نەق 3 يىل بولغان بىركۈن. . .»

تۈركىيەدىن زىيارەتنى قوبۇل قىلغان، يولدىشى مىسىردا تۇتۇلغاندا بىرى بوۋاق، يەنە بىرى بىر يېرىم ياش ئىككى بالىسى بىلەن يار يۆلەكسىز قالغان يەنە بىر ئۇيغۇر ئايال ئەرلىرىدىن تۇيۇقسىز ئايرىلىپ، نارەسىدە بالىلىرى مەجبۇرىي يېتىم قالدۇرۇلغان بۇ ئانىلارنىڭ 3 يىل جەريانىدا نۇرغۇن جەبر-جاپا تاتقان بولسىمۇ ئەرلىرىنىڭ ئىپپەت نومۇسىغا توپا قوندۇرماي ۋاپادارلىقى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقانلىقى، يۇرتداشلار ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، مىسىر ۋەقەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ۋە تىرىك شاھىتلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيانى مىسىردا بىگۇناھ تۇتقۇن قىلىنىپ مەجبۇرىي يوق قىلىۋېتىلگەنلەرنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ «دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاينى خەلقارلىق ئەھدىنامە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزگە ئىلماي قىلغان بۇ تاجاۋۇزى ۋە جىنايىتى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشنى سورايمىز»، دېگەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى