ئۇيغۇر تىلى ۋە ئىسلام دىنىغا دائىر مەزمۇنلار يەسلىلەردە قاتتىق ...

« شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 24-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا «2035-يىلىغىچە مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش» ۋە «مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلەشتۈرۈش پىلانى» قاتارلىق ئىككى پىلاننى ئېلان قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2035-يىلىغىچە بۇ پىلانى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانلانغان ئىكەن.

خەۋەردە 2019 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شەرقىي تۈركىستاندا يەسلى مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %97.51كە، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %95.51كە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىدا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98.82كە، ئالىي مائارىپتا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %46.79كە يەتكەنلىكى، 2019 – يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت مائارىپ سېلىنمىسى 86 مىليارد 307 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 4 مىليارد 770 مىليون يۈەن ئاشقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى يەسلى مائارىپى ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 140 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى 97 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئومۇملاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئشەرقىي تۈركىستاندىكى يەسلى مائارىپىدا ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا قامالغان نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر يېتىم بالىلىرىنىڭ «خىتايچە مائارىپتا تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى»، ئۇلارنىڭ «مىللىي كىملىكى» ۋە «دىنىي كىملىكى» دىن يىراقلاشتۇرۇلىۋاتكانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 17-مارت مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئېتىقادى ۋە كىملىكىنى يوق قېلىش ئۈچۈن «ياتاقلىق مەكتەپ» لەرنى كۆپەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

 

مەنبە: « شىنجاڭ گېزىتى»