خىتاي ئەسكەر: قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتتۇق

خىتاي ئارمىيەسى يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ لاداق بىلەن تۇتۇشىدىغان چېگراسىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغان.

مەزكۇر مانېۋىر خىتاي چېگرا قىسىملىرى بىلەن ھىندىستان چېگرا قىسىملىرى لاداقنىڭ پېڭوڭ كۆلى ئەتراپىدا بىر-بىرىگە مۇشت ۋە تاش ئېتىپ توقۇنۇشقاندىن كېيىنلا ئۆتكۈزۈلگەن. «ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مانېۋىرغا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ مىڭلارچە پاراشۇتچى ئەسكەرلىرى ۋە برونىۋېكلىرى قاتناشقان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە مانىۋېرنىڭ كونكرېت قەيەردە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان، لېكىن بۇ مانىۋېرنىڭ ھىندىستانغا بېرىلگەن سىگنال ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئايروپىلان، ئارقا سەپ ترانسپورت قانىلى ۋە تۆمۈريول ئارقىلىق خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق پاراشۇتچى قىسىملىرىنى غەربىي-شىمالدىكى ئورنى ئاشكارىلانمىغان مەزكۇر ئورۇنغا يۆتكىگەن. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ خوتەن ۋە گارگۇنسادىكى ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىغا 10-12 دەك ج-7، ج-11 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، بۇ ئايروپىلانلارنىڭ لاداق چېگراسىدا ئۇچۇش ئېلىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

خىتاي ئۆزىنىڭ پاراشۇتچى قىسىملىرىنى ئىككى تەرەپ ھەربىي ئەمەلدارلىرى لاداق چېگراسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن مەزگىلدە يۆتكىگەن. «ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 6-ئىيۇن كۈنى ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ لاداقتىكى 14-كورپۇسىنىڭ قوماندانى گېنېرال ھارەندەر سىڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى ليۇ لىن باشچىلىقىدىكى ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى لاداق چېگراسىنىڭ خىتاي ئارمىيەسى كونترول قىلىپ تۇرغان تەرىپىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، لېكىن سۆبەتتە ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل بولمىغان. خىتاي ئاقسايچىننى 1962-يىلى پارتلىغان ھىندىستان-خىتاي چېگرا توقۇنۇشىدىن بېرى كونترول قىلىپ كەلمەكتە.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى