مائاش بېرىش مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقنى يېپىشقا يەتمەيدۇ

خىتاينىڭ شىنخۇا تورى ۋە يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى (CGTN) قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ياشلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم خەۋەر تارقاتقان. بۇ خەۋەرلەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، مۇقىم كىرىمغا ئىگە بولغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇنى شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەر ئۇچراۋتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ بىر ئىسپاتى، دەپ قارىماقتا.

خىتاينىڭ يەرشارى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ 3-ئىيۇن كۈنى «شىنجاڭلىق ياشلار ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە پۇرسەت ئىزدىمەكتە» ماۋزۇلۇق خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قازاق، قىرغىز ياشلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەپ، تارىختىن بېرى شۇغۇللىنىپ كەلگەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرغانلىقىدەك بىر مەزمۇننى ئالغا سۈرگەن. ھالبۇكى، رەسىملىك خەۋەردە قازاق، قىرغىز ياشلارنىڭ كوللېكتىپ ھالدا خۇددى جىنايەتچىلەرنى ئەسلىتىدىغان كۆك رەڭلىك فورمىلار بىلەن سېخلاردا ئىشلەۋاتقان، بىرلىكتە غىزالىنىۋاتقان سۈرەتلىرى كۆرسىتىلگەن. خەۋەردە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ھەر مىللەت ئىشچىلىرىدىن 80 مىڭ ئەتراپىدا كىشى بارلىقى بايان قىلىنغان.

شەرقىي تۈركىستاندا  لاگېرلارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنچە خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدى ۋە بېسىملىرىغا قارىتا لاگېرلاردىكى كىشىلەرنىڭ «يېتەرلىك ھۈنەر ۋە تېخنىكا ئۆگىنىپ چىققاندىن كېيىن جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكى» نى تەشۋىق قىلغان ئىدى. ھالبۇكى، كۆپلىگەن ئۇچۇرلار «جەمئىيەت قوينىغا قايتقان» بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز ئۆيلىرىگە ئەمەس، بەلكى ھەرقايسى جايلاردىكى زاۋۇت ۋە فابرىكىلارغا ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

شىنخۇا تورىمۇ بۈگۈن ئىنگلىزچە تارقاتقان خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن 23-يانۋاردىن ئاپرېلنىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىي 180 مىڭ يېڭى خىزمەت ئورنى بەرپا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چەتئەللەردىكى ئادرىيان زېنز قاتارلىق تەتقىقاتچىلار بولسا، خىتاينىڭ بۇنداق كەڭ كۆلەملىك «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسنى كونترول قىلىپ، قامال قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى، دەپ باھالىماقتا.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى