ئاقتۇ ناھىيىسى بىر يىل ئىچىدە 68 ساقچى پونكىتى بىلەن تورلاشتۇرۇلغان

شەرقى تۈكىستان سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 7-ماي كۈنى قارار ماقۇللاپ، مەزكۇر كېڭەشنىڭ بىر ئۇيغۇر ھەيئىتى بىلەن بىر تۇڭگان ھەيئىتىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىغان.

ھەيئەتلەرنىڭ بىرى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش»، «مىللىي كەمسىتىش جىنايىتى» بىلەن، يەنە بىرى «پارا ئېلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەنگەن. لېكىن قاراردا، ئۇلارنىڭ كونكرېت قانداق «مىللىي كەمسىتىش جىنايىتى» سادىر قىلغانلىقى، «مىللىي ئۆچمەنلىككە» كونكرېت قانداق قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى ۋە پارا ئالغانلىقىغا تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىلمىگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قارار شەرقى تۈركىستاندىكى 12-نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 7-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 11-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان. قاراردا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېزا-بازار لايىھىلەش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى نۇرمەمەت ئابدۇراخماننىڭ پارا ئېلىش جىنايىتى، كورلا شەھىرى چاۋياڭ ئاھالىلەر رايونىدىكى ««ئىناقلىق مەسچىتى» نىڭ سابىق ياردەمچى ئىمامى ما يۆچۈننىڭ «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش»، «مىللىي كەمسىتىش جىنايىتى» سادىر قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.

قاراردا تەكىتلىنىشىچە، بۇ قېتىم ۋەكىللىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە بىر خىتايمۇ بار ئىكەن. قاراردا، شەرقى تۈركىستان تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش تەپتىشى لى يۈسۈننىڭ «خىزمەتتە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى» سەۋەبلىك دائىمىي ھەيئەتلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قارار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان يەرلىك مىللەتلەرنى رايوننىڭ سىياسىي ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدىن كەڭ كۆلەملىك تازىلاپ چىقىرىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

مەنبە؛ ئەركىن ئاسيا رادىئوسى