2012-يىلى گېرمانىيەدە زىيارەتچى ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە بىر يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان دوكتور ئابابەكرى ئابدۇرېشىت شەرقىي تۈركىستانغا قايتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئىزچىل ئالاقىلىشىپ كەلگەن چەتئەلدىكى بىر دوستى ۋە كەسىپدىشى 2018-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. يېقىندا ئۇ ئابابەكرى ئابدۇرېشىتنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە غەيرىي-رەسمىي بىر ئۇچۇرغا ئېرىشكەن.ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرىنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى.
جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە ئشەرقىي تۈركىستاندىكى نۇقتىلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئەدەبىيات ۋە تارىخ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى. يېقىندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن بىرى ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان دوستى ۋە كەسىپدىشى-شىنجاڭ پېداگوگوكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئابابەكرى ئابدۇرېشىتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
ئابابەكرى ئابدۇرېشىتنىڭ مەزكۇر كەسىپدىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، 1981-يىلى خوتەن قاراقاشتا تۇغۇلغان ئابابەكرى ئابدۇرېشىت 2006-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ماگېستىرلىق ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. 2009-يىلىدىن 2012-يىللىرى ئارىسىدا بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بويىچە ئوقۇغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ مانا مۇشۇ مەزگىلىدە گېرمانىيەدە بىر يىل زىيارەتچى ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئابابەكرى گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ بىر تۈركۈم دوستلىرى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ يىلدىن-يىلغا يامانلىشىۋاتقانلىقى، مۇشۇ چەتئەلدە ئوقۇشىنىڭمۇ ئۆزىگە بىر ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرۇش ئېھتىمالىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنى چەتئەلدە قېپ قېلىشقا دەۋەت قىلغان. ئابابەكرى ئابدۇرېشىت ئۆزىنىڭ بىر ئىلمىي خادىم ۋە مائارىپچى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئەل قوينىدا خىزمەت قىلىش يولىنى تاللىغان. ئۇ شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغان ۋە 2013-يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەتكە چۈشكەن.
ئابابەكرى ئابدۇرېشىتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى كەسىپدىشى ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىلمىي ژۇرناللاردا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغانلىقى، شۇ ماقالىلىرى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت كادىرلار بۆلۈمىنىڭ خادىمى ئابابەكرى ئابدۇرېشىتنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ھالبۇكى، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت خادىملىرى بۇ ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» نىڭ ئابابەكرى ئابدۇرېشىتنىڭ كۈدىلىك تۇرمۇشىدا ياكى ئىلمىي ماقالىلىرىدە بايقالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئۆتكەن يىلىئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئىنكاس قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى بىر ئوقۇتقۇچى سورۇن ۋە پائالىيەتلەردە ھاراق ئىچمىگەنلىكى ئۈچۈن مەكتەپ رەھبەرلىرى تەرىپىدىن يامان كۆزدە قارىغانلىقى ۋە ئەگىتمە تەنقىدلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدە شىكايەت قىلغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇندىكى دوكتور ئابابەكرى ئابدۇرېشىت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى ئەسەت سۇلايماننىڭ ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئوقۇتقۇچىسى ئەسەت سۇلايماننىڭ يېتەكچىلىكىدە «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ دىيالوگى» تېمىسىدا ماگېستېرلىق دىسسېرتاتسىيەسى ياقلىغان ئىكەن.