شەرقىي تۈركىستاندىكى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» شوئارى ئاستىدا داۋام قىلىۋاتقان يەرلىك ئۇيغۇرلارنى نەچچە ئەسىردىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈپ، يېڭىدىن سېلىنغان بىنا ئۆيلەرگە توپلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى نۆۋەتتە تېخىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 5-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش، كۆكيار قاتارلىق يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلاردىن 14 مىڭدىن ئارتۇق كىشى كۆچۈرۈلگەن. خەۋەردە «قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى نامرات دېھقانلار ئازادە ۋە يورۇق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر يەرگە توپلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى» دېيىلىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلىدىن بۇيان مۇشۇ تەرىقىدە 160 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقان ئەنە شۇ يوسۇندا كۆچۈرۈلگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق بىنالارغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ دېھقانلار يېڭىدىن قۇرۇلغان زاۋۇت-فابرىكىلارغا ئىشقا چۈشۈش ئۈچۈن كۆپلەپ ماھارەت ئۆگەنمەكتىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىق ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىشى ئاياغلاشقان.
ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇر دېھقانلارنى ناھىيە بازىرىغا يېقىن جايغا كۆچۈرۈش پائالىيىتىنىڭ ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش تەدبىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن بۇ توغرىسىدا توختىلىپ «بۇنىڭدا دېھقانلارنى تېرىلغۇ يەرلىرىدىن مەھرۇم قىلىش ھەمدە خىتاي يېنىك سانائىتىگە ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى تەييارلاش مۇھىم ۋەزىپە قىلىنغان. شۇنداقلا دېھقانلار كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ يەرلەرگە خىتاي ئاققۇنلىرى ئورۇنلىشىدۇ» دېگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى