28-ئاپرېل ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر ئۇقتۇرۇشتا خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ۋۇخەن كورونا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. گۇاڭجۇدىكى ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قانۇنىي ياردەم بېرىش پونكىتى» تەرىپىدىن ئەسلىدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىتىلغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا مەزكۇر يۇقۇمدارلارنىڭ 21-ئاپرېل كۈنى بايقالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرلىرىنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى سەھىيە ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە تارقىتىلغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇش مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى تارقىتىلغان. ئۇقتۇرۇشتا يۇقۇمدارلارنىڭ 21-ئاپرېل كۈنى بايقالغانلىقى ۋە گۇاڭجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن داۋالىتىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ئىككى گۇماندارنىڭ گۇاڭجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن داۋالىتىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن قاچان ۋە نېمە ئىش بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.
گۇاڭجۇدا ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىپ رېستوران ئېچىۋاتقان بىر تۇڭگان خانىم مەزكۇر ئەھۋالدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئالدىنقى كۈنى ئۇنىڭ رېستورانىغا تاماق يېگىلى كەلگەن گۇاڭجۇلۇق ساقچىلار ئۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئىككى كىشىنىڭ ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ دىققەت قىلىشىنى تاپىلىغان.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا گۇاڭدۇڭدا ئىشلەۋاتقان ۋە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا خىتاب قىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارىتا دىققەتلىك بولۇشى تەۋسىيە قىلىنغان.
خىتاي ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋۇخەندە ۋىرۇس بايقالغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىن بىر تۈركۈم دوختۇر-سېستىرىلار ئاپەت رايونىغا ياردەمگە ئەكىلىنگەن. خىتاي ئۆلكىلىرىدە ۋىرۇسنىڭ تىزگىنلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە ئەڭ ئاۋۋال شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن ئىشچىلار يۆتكەلگەن. گۇاڭجۇدا ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئېنىق كىملىكلىرى تېخى ئايدىڭلاشمىغان.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى